رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ سېۋېرودونېتسك شەھىرىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف ئۇكرائىنانىڭ لۇخەنسك رايونىدىكى سېۋېرودونېتسك شەھىرىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1848186
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ سېۋېرودونېتسك شەھىرىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوناشېنكوۋ ئېلان قىلغان باياناتىدا، (ئاتالمىش)  ​​لۇخەنسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەسكەرلىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، لۇخەنسك رايونىدىكى سېۋېرودونېتسىك ۋە بوروۋىسكويې شەھىرى بىلەن ۋورونوۋو ۋە سىروتىنو ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كوناشېنكوف بۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنا كۈچلىرىنىڭ ئازوت زاۋۇتىنى قارشىلىق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «سېۋىرودونېتسىك ۋە بوروۋىسكويې شەھىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى بىلەن بىرگە (ئاتالمىش) لۇخەنسك خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى دائىرىسىدىكى سېۋىرسكىي دونېتس (دونېتس دەرياسى) نىڭ پۈتۈن سول قىرغاق رايونلىرى كونتروللۇققا ئۆتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر