لىز تراس ئاتاكۇلە مۇنارى ئالدىدا ئاشلىق كىرىزىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تراس پايتەخت ئەنقەرەنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك بىنالىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتاكۇلەنىڭ ئالدىدا بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئاشلىقتىن «ئۇرۇش قورالى» سۈپتىدە پايدىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1847919
لىز تراس ئاتاكۇلە مۇنارى ئالدىدا ئاشلىق كىرىزىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىز تراس تۈركىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا پايتەخت ئەنقەرەنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتاكۇلەنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بەرگەن ئۇكرائىنادىكى ئاشلىق كىرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەققىدە سىن كۆرۈنۈشلۈك بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتىدا: «ئاشلىقنى ھەرگىزمۇ ئۇرۇش قورالى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن تراس، بىراق رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ پورتلارنى تاقاپ، دۇنيا مىقياسىدا ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ئۇكرائىنادا بۇنى كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئاشلىق كىرىزىسىغا چارە تېپىش خىزمەتلىرىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «تۈركىيە ئاشلىقنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاساسلىق دېڭىز يوللىرىنى قايتىدىن ئېچىپ، ئاشلىقنى ئېكسپورت قىلىش خىزمەتلىرىگە ياردەمچى بولۇش ئۇرۇنۇشلىرىمىزىدكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىك. ۋەزىيەت جىددىي. ئۇنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە يول قويساق بولمايدۇ. ئەنگلىيە تۈركىيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش مۇساپىسىدە بارلىق ئىشىكلەرنى چېكىپ چىقىدۇ. ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز » دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر