بىرمانىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى سۇچى مەخپىي نازارەتخانىدىن پايتەختتىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلدى

2021-يىلى 1 – فېۋرال بېرمادا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بىرما رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن پايتەخت نېپىدودىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلدى.

1847201
بىرمانىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى سۇچى مەخپىي نازارەتخانىدىن پايتەختتىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرمە تەۋەلىكىدىكى بىر جايغا سېلىنغان يېڭى بىر بىنادا سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئاڭ سان سۇچىنىڭ، بىرما ئارمىيەسى 2021 – يىلى 1 – فېۋرال ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، دەسلىپىدە پايتەختتىكى تۇرالغۇسىدا نازارەت قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىنچە كەم دېگەندە بىر قېتىم باشقا ياققا كۆچۈرۈلۈپ، بىر يىل بويىچە پايتەختتىكى بىر ھەربىي بازىدا مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى. ئۇ تۈنۈگۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەخپىي جايدىن نېپدودىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلدى.

بىرما ھەربىي دائىرىلىرى، ھەر بىرى ئۈچۈن 15 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان 11 تۈرلۈك چىرىكلىك قىلمىشىنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان سۇچىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەنمۇ ئەيىبلىمەكتە.

77 ياشلىق سۇچى ھازىرغا قەدەر قانۇنسىز ھالدا سىمسىز ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى ئىمپورت قىلىپ ساقلاش، ئاممىۋى مالىمانچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە كوۋىد-19 چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، سىياسىي ئۆزگىرىش ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئەيىبلەشلىرى قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، سۇچىنىڭ 175 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر