نىگېرىيەدە ئىككى چېركاۋدىن گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەن 36 كىشى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىندى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئۆلكىسىدە 19 – ئىيۇن ئىككى چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمدا تۇتۇپ كېتىلگەن 36 كىشى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىندى.

1846880
نىگېرىيەدە ئىككى چېركاۋدىن گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەن 36 كىشى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇبۇ قەبىلىسى رەئىسى ئېلىشا مارى 19 – ئىيۇندا موتسىكلىت مىنگەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ نىگېرىيەنىڭ كاجۇرۇ رايونىدىكى ئىككى چېركاۋدىن 36 كىشىنى  گۆرۈگە تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە قويۇپ بېرىش بەدىلىگە 100 مىليون نىگېرىيە نايرا (تەخمىنەن 4 مىليون تۈرك لىراسى) تۆلەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كادۇنا ئۆلكىلىك بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارى سامۇئىل ئارۇۋان رايوندا تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ 19 - ئىيۇندا كاجۇرۇ رايونىدىكى ئىككى چېركاۋغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا 3 كىشى قازا قىلغان ۋە 36 كىشى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.

نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئادەم تۇتقۇن قىلىش ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ تۆلەم ئۈچۈن ئادەم تۇتۇپ كېتىدىغان ۋەقەلەر كۆپ يۈز بېرىپ تۈرىدۇ.

نىگېرىيەدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەنلەر ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش چەكلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر