كېچىدە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 920 كىشى قازا قىلدى

تۈنۈگۈن كەچتە ئافغانىستاننىڭ پاكتىكا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 5.9 بال يەر تەۋرەشتە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە 920 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

1846633
كېچىدە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 920 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، پاكتىكا ئۆلكىسىگە قاراشلىق گىيان ناھىيەسى بىلەن خوست ۋىلايىتىگە قاراشلىق سپىرېي رايونى يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئالاقىدار تارماقلار دەسلەپكى ئېنىقلاشقا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە 920 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ھەمبەھىرلەپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە رايونغا تىك ئۇچارلار بىلەن ياردەم ئەۋەتىلگەنلىكىنى  ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) دەسلەپتە يەر تەۋرەشنىڭ 6.1 بال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كېيىنچە 5.9 بالغا ئۆزگەرتكەن ئىدى.

يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان خوست ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 46 كىلومىتىر كېلىدىغانلىقى  بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

يەر تەۋرەش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 01:24 دە يۈز بەرگەن  بولۇپ، پايتەخت كابۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد ۋە پېشاۋار قاتارلىق نوپۇسى زىچ شەھەرلەردىمۇ ھېس قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھورمۇزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق بېندېر لېڭگې ناھىيەسىدىمۇ 5.2 بال يەر تەۋرىدى.

يەر تەۋرەشنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 01:39 ئۆتكەندە يۈز بەرگەنلىكى ۋە يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا  كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىران دائىرىلىرى تەرىپىدىن يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى ياكى مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان ئەھۋاللارنىڭ بار - يوقلىقى ھەققىدە تېخىچە ھېچ قانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر