ب د ت لىتۋانىيە بىلەن رۇسىيەنى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس لىتۋانىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ كالىنگراد ئولتۇراق رايونىغا مال توشۇشقا قويغان چەكلىمىسى ئاساسىدا، تەرەپلەرنى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەر قانداق بايانات ۋە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

1846687
ب د ت لىتۋانىيە بىلەن رۇسىيەنى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىباتلىقى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىچ، ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گۇتېررېسنىڭ كالىنگراد تىرانسپورتىغا ئالاقىدار رۇسىيە بىلەن لىتۋانىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، تەرەپلەرنىڭ بۇ جىددىيچىلىكنى دىيالوگ ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە مۇزاكىرىلىشىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ستېفان دۇجارىچ: «مەسىلىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشىغا قارىتا كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، بۇ ئىنتايىن ئەندىشىلىنەرلىك جىددىي بىر  مەسىلە، جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىدىغان ھەر قانداق بايانات ياكى ھەرىكەتتىن ساقلىنىش لازىم» دېدى.

لىتۋانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى بىر قىسىم ماللارنىڭ دۆلەت تېررىتورىيەسى ئارقىلىق كالىنگرادقا يۆتكىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى نىكولاي پاتروشېۋ رۇسىيەنىڭ لىتۋانىيە قويغان بۇ چەكلىمىلەرگە مۇمكىن قەدەر ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

رۇسىيە بىلەن كالىنگراد رايونى ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر تۆمۈر يول لىتۋانىيە زېمىنىدىن ئۆتىدۇ.

كالىنىڭگراد بولسا، رۇسىيە بىلەن قۇرۇغلۇقتىن ئۇلىنىشى بولمىغان شۇنداقلا لىتۋانىيە بىلەن پولشانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بالتىق دېڭىزى قىرغىقىغا جايلاشقان رۇسىيە تېررىتورىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر