ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن 23 – ئىيۇن كۈنى تۈركىيەگە كېلىدۇ.
1845488
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد، 23 – ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەگە كېلىدىكەن.
ئۇنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 24 – 25 – ماي كۈنلىرى پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدە ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدى.