ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا كۆپ سانلىقتىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا قاتناشقان كونسېرت جەريانىدا يۈز بەرگەن جېدەل - ماجىرا داۋامىدا بىر كىشى ئوق تېگەپ جېنىدىن ئايرىلدى.
1845549
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتون ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى روبېرت كونتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، كۆپ سانلىقتىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا قاتناشقان كونسېرت جەريانىدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن جېدەل - ماجىرا يۈز بەرگەن.
جېدەل – ماجىراغا ئارىلاشقان گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى كىملىكى ئاشكارىلانمىغان كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ قورال ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، ۋەقەگە مۇداخىلە قىلغان بىر ساقچى ۋە نەق مەيداندىكى 3 كىشىگە ئوق تېگەىپ، يارىلانغان. يارىلانغانلاردىن 15 ياشلىق ياش ھاياتىدىن ئايرىلغان، باشقا يارىدارلار بىلەن ساقچى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.
كونتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.