ئىسپانىيەدىكى ناتو يىغىنىدا فىنلاندىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ ئازالىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

مادرىدنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ تېمىسى فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ ئىتتىپاققا ئازالىق ئىلتىماسى بولىدۇ.

1845307
ئىسپانىيەدىكى ناتو يىغىنىدا فىنلاندىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ ئازالىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارىس 28-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە مادرىدنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ تېمىسىنىڭ فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ ئىتتىپاققا ئازالىق ئىلتىماسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرئالبارىس مادرىدتا (سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيەسى) نىڭ پائالىيىتىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا: «فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى مادرىدتىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولىدۇ» دېدى.

ئالبارىس باشلىقلار يىغىنىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كىرگەن بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىنتايىن مۈشكۈل بىر دەۋر ۋە خىرىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 40 دۆلەتنىڭ دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ مادرىدتا توپلىنىدىغانلىقىنى، ترانسپورت قىيىنچىلىقى ئېغىر بولىۋاتقان بىر پەيتتە بۇنداق باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەممىلا دۆلەتنىڭ  قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر