ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن تۈزگەن ھەمكارلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلدى

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى، ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئاچقان رۇسىيە ۋە بۇ ئۇرۇشنى قوللىغان بېلارۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا خاتىمە بېرىشنى قارار قىلدى.

1845211
ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن تۈزگەن ھەمكارلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، 208 - نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنىڭ تەكىتلىنىپ، ھۇجۇمنىڭ ۋە ئۇنى قوللىغان بېلارۇسىيەنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، كېڭەشنىڭ رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن تۈزىگەن، ئىناۋەتلىك مۇددىتى 2024-يىلىغىچە بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتقان كېڭەش، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ تېخىمۇ كۆپ قارارلارنى چىقىرىشقا تەييار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تۈزىدىغان بەش يىل ئىناۋەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى، ئالاقىدار تەرەپلەردىن بىرى كېلىشىمنى بىكار قىلغانلىقى توغرىسىدا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتمىسە، ئاپتوماتىك ھالدا يېڭىلىنىدۇ.

بېلارۇسىيە بىلەن ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ مۇددىتى 2024-يىلى 6-ئايدا، رۇسىيە بىلەن 2024-يىلى 12-ئايدا توشاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر