ئامېرىكادا چېركاۋدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا بىر چېركاۋدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.

1844674
ئامېرىكادا چېركاۋدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى مەزگىللەردە قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر زوراۋان، بۇ قېتىم چېركاۋنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

ئىشتاتلىق ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق ھۇجۇمدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان، زوراۋان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇتۇلغان بولۇپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر