ئەنگلىيەلىك ژۇرنالىست دوم فىلىپس ۋە يېتەكچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

بىرازىلىيەدە  فېدېراتسىيە ساقچىلىرى 5-ئىيۇندىن بۇيان يوقاپ كەتكەن ئەنگلىيەلىك ژۇرنالىست دوم فىلىپس ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىسى، يەرلىك خەلق مۇتەخەسسىسى برۇنو پېرېيرانىڭ ئامازوندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1844205
ئەنگلىيەلىك ژۇرنالىست دوم فىلىپس ۋە يېتەكچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامازوناس ئىشتاتى فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر فونتېس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ژۇرنالىست فىلىپس ۋە مۇتەخەسسىس پېرېيرا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن نازارەتكە ئېلىنغان گۇماندار ئامارىلدو دا كودتانىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ۋە جەسەتلىرىنى قەيەرگە كۆمگەنلىكىنى دوكلات قىلغانلىقىنى  بىلدۈردى.

ئالېكساندىر فونتېس تېپىلغان جەسەت قالدۇقلىرىنىڭ قانۇن دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈلىشى ئۈچۈن پايتەخت بىراسىلىياغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە فىلىپس ۋە پېرېيرانىڭ قورال بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئايدىڭلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆلۈمنىڭ كونكرېت سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈشكە ئاساسەن بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «The Guardian» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، 57 ياشلىق دوم فىلىپس رايونغا بېرىپ ئامازوندىكى يەرلىك خەلقلەر ھەققىدە كىتاب يازماقچى بولغان بولۇپ، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەرلىك فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى 41 ياشلىق برۇنو پېرېيرا  بىلەن  5 – ئىيۇلدىن بېرى يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى.  

تەخمىنەن 15 يىلدىن بېرى برازىلىيەدە ئىشلەۋاتقان تەجرىبىلىك ژۇرنالىست فىلىپس ئامازون ئورمىنىنى  قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر