ئوخايو ئىشتاتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قورال ئېلىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلدى

ئامېرىكانىڭ ئوخايو ئىشتاتىدا ئوقۇتقۇچىلارغا 24 سائەتلىك تەربىيەلەشتىن كېيىن، مەكتەپلەردە قورال ئېلىپ يۈرۈش رۇخسىتى بېرىلگەن قانۇن ئىجرا قىلىنشقا باشلاندى.

1843593
ئوخايو ئىشتاتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قورال ئېلىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوخايو ئىشتاتلىق پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، ۋالىي مايك دېۋاين (Mike DeWine) تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى.

ۋالىي مايك دېۋاين «WFMJ» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەكتەپلەردە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان قوراللىق ھۇجۇملارغا قارشى تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مەكتەپتە ساقچىلارنىڭ بولۇشى ئەڭ ياخشى تەدبىر، ئەمما ھەممە مەكتەپنىڭ بۇنىڭغا ئىمكانىيىتى يار بەرمەيدۇ» دېدى.

بىراق، ئوخايو ئوقۇتقۇچىلار فېدېراتسىيەسى بىلەن ئوخايو مائارىپ جەمئىيىتى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان قانۇن بىلەن يېتەرلىك تەلىم-تەربىيە بولماستىن مەكتەپلەرگە قورال ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىكىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قانۇنغا: «خەتەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ باھا بەردى.

يېڭى قانۇن باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا، 24 سائەتتىن ئارتۇق بولمىغان تەلىم-تەربىيەدىن كېيىن قورال ئېلىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ.

ئامېرىكادا 28 ئىشتاتتا، مەكتەپ رەھبەرلىكى تەستىقلىغان ئەھۋال ئاستىدا، قورال رۇخسىتى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قورالىنى مەكتەپتە باشقىلارغا كۆرسەتمەستىن ئېلىپ يۈرۈشىگە يول قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر