كىيېۋ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا 32500 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى، 24 - فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان رۇسىيە ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 32 مىڭ 500 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1843064
كىيېۋ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا 32500 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24 - فېۋرالدىن 14 - ئىيۇنغىچە بولغان جەرياندا ئۇرۇشتا تارتقان تالاپەتلىرىگە دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا زېمىنىدا 32 مىڭ 500 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن باشقا رۇسىيەنىڭ 233 ئايروپىلان، 179 تىك ئۇچار، 1434 تانكا، 3503 بىرونېۋىك، 721 زەمبىرەك، 229 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە 97 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 2473 ئاپتوموبىل ۋە يېقىلغۇ تولۇقلاش ئاپتوموبىلى، 58 ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىلى، 13 دانە پاراخوت ۋە يېنىك تىپلىق تېز سۈرئەتلىك كېمىسى ھەمدە 588 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا 1335 رۇس ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر