بلىنكېن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن شىمالىي كورېيە يېڭى يادرو قورالى سىناق قىلغان ئەھۋالدا، رايوندىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن دەرھال جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئۆزگەرتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1842783
بلىنكېن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ مىنىستىر پارك جىن بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنىڭ رايون ئۈچۈن پەيدا قىلغان تەھدىتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتا دۈشمەنچە پوزىتسىيەسىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ: «شەرتسىز دىيالوگنى تەشەببۇس قىلىمىز. ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  ۋاكسىنالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا شىمالىي كورېيە خەلقىنى قوللاشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ نىشانلىرىنىڭ تىنچلىق ئىچىدىكى مۇقىملىققا ئىگە رايون ئىكەنلىكىنى؛ كىم جوڭئۇن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ توغرىدىكى تەكلىپلىرىگە جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىلگىرىكى سابىق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدىن بۈگۈنگىچە جەمئىي ئالتە قېتىم يادرو قورالى سىناق قىلغانلىقىنى، يەتتىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «شىمالىي كورېيە مۇشۇنداق سىناقنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا، تېز جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە باشقا يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىمىز ھەمدە شېرىكلىرىمىز بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇۋاتىمىز. بۈگۈن ناھايىتى ئاددىي قىلىپ ئېيتقىنىمدا، باشقا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن، بولۇپمۇ جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىلەن ئىنتايىن يېقىن كوردىناتسىيە ھالىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارغا تەييارلىنىۋاتىمىز. بىز ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمىزدىمۇ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەڭشەشلەرنى قىلىشقا تەييارمىز. يادرو سىنىقى خەتەرلىك بولىدۇ، رايون ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇ يەنە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆپ قارارلىرىدا ئەسكەرتىلگەن خەلقئارالىق قانۇنغا ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپ. بۇ سەۋەبتىن، شىمالىي كورېيەنى ۋەزىيەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىمىز. شىمالىي كورېيەنى ئەستايىدىل ۋە سىجىل دىپلوماتىيەگە قاتنىشىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، بۇ نۇقتىدا ھېچقانداق شەرت قويماستىن ئىلگىرىلەشكە تەييارمىز» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن شىمالىي كورېيە يادرو قورالى سىناق قىلغان ئەھۋالدا، خەلقئارالىق جەمئىيەتتىن ناھايىتى كەسكىن ۋە قاتتىق جاۋاب ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «شىمالىي كورېيە بىلەن شەرتسىز دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى خالايمىز، شىمالىي كورېيەنى ۋەزىيەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا، دىيالوگقا قايتىپ كېلىشكە چاقىرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر