فىلىپپىندا كۆپ ساندا كەنت كۈل بۇلۇتلىرى ئاستىدا قالدى

فىلىپپىندا كۆپلىگەن كەنتلەر يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن كۈل بۇلۇتلىرى ئاستىدا قالدى.

1842305
فىلىپپىندا كۆپ ساندا كەنت كۈل بۇلۇتلىرى ئاستىدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىننىڭ شەرقىدىكى نۇرغۇن كەنت، بۇلۇسان يانار تېغىنىڭ ئۇدا 20 مىنۇت داۋاملاشقان پارتىلىشىدىن كېيىن كۈل بۇلۇتلىرى ئاستىدا قالدى. بۇ كەنتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى ھەپتىكى ۋولقان پارتلىشىنىڭ تەسىرىگە قارشى  كۈرەش قىلىۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

 جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئەترەتلىرى، كوچىلارنى تازىلاش جەريانىدا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن شوپۇرلارنى سۈرئەتنى ئاستىلىتىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر