سىرىلانكا رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىشى مۇمكىن

سىرىلانكا باش مىنىستىرى رانىل ۋىكرېمېشىڭخې مەملىكەتتىكى ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1841773
سىرىلانكا رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا باشلىغان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختىتىش قارارىنى ئېلان قىلغان بىر پەيتتە، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى سىرىلانكا بولسا، رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىرىلانكا باش مىنىستىرى رانىل ۋىكرېمېسىڭخې: «ئەگەر بىز باشقا مەنبەلەردىن نېفىت ئالالايدىغان بولساق، شۇ يەردىن سېتىۋالىمىز. بولمىسا، يەنە رۇسىيەگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئاساسلىق مەنبەيىمىز بولغان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قارايمىز» دېدى.

باش مىنىستىر ۋىكرېمېسىڭخې يەنە رۇسىيەنىڭ سىرىلانكىغا بۇغداي سېتىپ بېرىش تەكلىپىدە بولغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر