خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې ئامېرىكانىڭ خىتاينى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭگرىللا» دىيالوگ مۇنبىرى يىغىنىدا، خىتاينىڭ «رايون بىخەتەرلىك نىشانى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى ۋە ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى تەنقىد قىلدى.

1841798
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې ئامېرىكانىڭ خىتاينى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې ئامېرىكانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاينى چۆرىدىگەن ھالدا توقۇنۇش ھەمدە قارشىلىشىش پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن «كۆپ تەرەپلىك» نامى ئاستىدا كىچىك ئالاھىدە گۇرۇپپا قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىننىڭ تۈنۈگۈنكى (11-ئىيۇن) ئوخشاش مۇنبەر يىغىنىدىكى خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئوخشاش تۆھمەت ۋە تەھدىت» دەپ باھا بەردى.

ئۇ: «ئامېرىكانىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى بىزنىڭ قارىشىمىزچە، <ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان> نامى ئاستىدا مەلۇم بىر دۆلەتنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ھەمدە كىچىك ئالاھىدە گۇرۇپپا تەشكىللەش ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىرادىسىنى تارتىۋېلىش ئۇرۇنىشىدۇر» دېدى.

ئۇھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى «كۆپ تەرەپلىك» نامى ئاستىدا باشقىلارغا تاڭماسلىقى ۋە تەھدىت سالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ۋە ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ: «ئامېرىكا بىر خىتاي پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللاۋاتىدۇ ۋە تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىنى ئالدىغا چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ». دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن تۈنۈگۈن قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىدە چىڭ تۇرغاندىن باشقا، تەيۋەننىڭ ئۆ-ئۆزىنى قوغداش سەۋىيەسىگە يېتىشىگە يېتەرلىك ھەربىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىنىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر