مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھاقارەتلەرگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئىككى كىشى قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ چاركاند ئۆلكىسىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىككى ئەمەلدارىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئىككى كىشى قازا قىلدى.

1841555
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھاقارەتلەرگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئىككى كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خەلق پارتىيەسىنىڭ نۇپۇر شارما ۋە خەلق پارتىيەسى يېڭى دېھلى مېدىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ناۋېن جىندالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ باشلانغان نامايىشلار ھىندىستان مىقياسىغا كېڭەيدى؛ مەزكۇر ئەمەلدارلارغا قارشى شوئالارنى توۋلاشقان نامايىشچىلار شارمانىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ چاركاندنىڭ پايتەختى رانچىدىكى نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتقان ئوقى بەزى نامايىشچىلارغا تەگدى؛ رانچى سەھىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى ئەمەلدارلىرى، ئوق ۋە تاشلار تېگىپ يارىلانغان 12 كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رانچى ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى ئانشۇمان كۇمار، ئوق تېگىپ يارىلانغان ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، رانچىدا كوچىغا چىقىشنى چەكلەش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسى باش مىنىستىرى يوگى ئادىتيانات يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «ئۆلكە مىقياسىدا قانۇنسىز نامايىشلارغا ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قاتناشلارغا قارشى ئەڭ ئېغىر چارىلەرنى يولغا قويۇش» توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

ئۇتتار پرادېش ساقچى ئىدارىسى، ئۆلكىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغان 136 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ جەرياندا نامايىشچىلار، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە تىنچ ئۇسۇلدا نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، غەربىي بېنگال ئۆلكىسىنىڭ خوۋراخ شەھىرى بىلەن ئۇتتار پرادېشنىڭ پراياگراج شەھىرىدىكى نامايىشلار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى.

غەربىي بېنگال ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى، خوۋراختا 13 – ئىيۇنغىچە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر