ئۇكرائىنا: ئۇرۇشتا ئۆلگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرى 32 مىڭغا يېقىنلاشتى

ئۇكرائىنا 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا يوقىتىلغان رۇسىيە ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 32 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1841177
ئۇكرائىنا: ئۇرۇشتا ئۆلگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرى 32 مىڭغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا يوقىتىلغان رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 24-فېۋرالدىن 10 –ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشتا تارتقان تالاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ يېڭىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنا زېمىنىدا 31 مىڭ 900 رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلتۈۈرلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، 212 ئايروپىلان، 178 تىك ئۇچار، 1 مىڭ 409 تانكا، 3 مىڭ 450 بىرونىۋىك، 712 زەمبىرەك، 125 باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 222 راكېتا ئاتار سىستېمىسى، 97 ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىسى، 2 مىڭ 438 ھەربىي ئاپتوموبىل، 13 دانە ھەر خىل تىپتىكى پاراخوت ۋە 572 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پاچاقلاپ تاشلانغان.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەتتە جەنۇبىي سەپلەردە 33 رۇسىيە ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن باشقا، گراد تىپلىق راكېتا ئاتار سىستېمىسى، سەككىز دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە ئۈچ قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى پارتلىتىۋەتكەن.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-مارت (2022) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنادا 1 مىڭ 351 رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر