نىگېرىيەدە مېڭە پەردە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ جىگاۋا ئۆلكىسىدە مېڭە پەردە ياللۇغى يۇقۇمى تارقىلىپ 65 ئادەم قازا قىلدى.

1840927
نىگېرىيەدە مېڭە پەردە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىگاۋا ئۆلكىلىك سەھىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى مالام سامايلا مەھمۇد، نىگېرىيە-نېگىر چېگراسىغا جايلاشقان جىگاۋا ئۆلكىسىدە ئۆتكەن ئاينىڭ مابەينىدە 280 كىشىدە مېڭە پەردە ياللۇغى بايقالغانلىقىنى، بىمارلارنىڭ 65 ىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، ئۆلكىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى يوقاتقانلىقىنى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بويۇن ۋە باش ئاغرىقى بارلارنىڭ دەرھال دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى تەكشۈرتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، مېڭىدىن باشلاپ پۈتۈن بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مېڭە پەردە ياللۇغى ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر