بىرازىلىيەدە تۇنجى مايمۇن ۋەقەسى كۆرۈلدى

بىرازىلىيەنىڭ ئاسېنتىيا براسىل خەۋەر ئاگېنتلىقى (Agencia Brasil) ساۋ پاۋلو شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

1840979
بىرازىلىيەدە تۇنجى مايمۇن ۋەقەسى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئاسېنتىيا براسىلنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساۋ پاۋلو شەھىرىدە مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى گۇمانى بىلەن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان بىر كىشىدە، ۋىرۇسنىڭ بايقالغانلىقى توغرىلانغان.

پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيەنى ساياھەت قىلغان ۋە كارانتىن قىلىنغان 41 ياشلىق ئەر كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ كۆزىتىش ئاستىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىرازىلىيەدە بۈگۈنگىچە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سەككىز گۇماندارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

لاتىن ئامېرىكاسىدىكى تۇنجى مايمۇن چېچىكى ۋەقەسى 27-ماي (2022) ئارگېنتىنادا كۆرۈلگەن ئىدى.

مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ كونگو ۋە غەربىي ئافرىقا تۈرى بار. ئادەتتە ھايۋاندىن ئادەمگە ۋە يېقىن ئارىلىقتا ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان مەزكۇر ۋىرۇس، ئادەم بەدىنىدە قىززىش ۋە قىچىشىشلارنى پەيدا قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر