ئامېرىكا تۈركىيەنى سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا، تۈركىيەنى سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش نىيىتىدىن يانمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1840280
ئامېرىكا تۈركىيەنى سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مەسلىھەتچىسى باربارا لېف، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە مەسئۇل ياردەمچى مەسلىھەتچىسى دانا ستروئۇل بىلەن بىرلىكتە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا چاقىرىلغان ئامېرىكانىڭ سۈرىيە سىياسىتى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىشى ئېھتىمالى بولغان ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنى ئىشقا ئاشۇرغۇسى ھەربىي ھەرىكەتتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن  پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەمما ئەنقەرەنى پەقەت ئامېرىكا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ ھەرىكەتتىن «ۋاز كېچىدۇ» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر