شاڭخەي بىلەن گۇاڭجۇ دۇنيا بويىچە تۇرمۇش تەننەرخى ئەڭ قىممەت 8- ۋە 9 -شەھەرگە ئايلاندى

دۇنيا بويىچە تۇرمۇش تەننەرخى ئەڭ قىممەت شەھەرلەر تىزىملىكىدە، خوڭكوڭ 1 – بولدى.

1840260
شاڭخەي بىلەن گۇاڭجۇ دۇنيا بويىچە تۇرمۇش تەننەرخى ئەڭ قىممەت 8- ۋە 9 -شەھەرگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئالەمشۇمۇل شەھەرلىرىدىن بىرسى بولغان نىيۇ يورك،  خوڭكوڭدىن قالسىلا «مۇھاجىر» دەپ ئاتىلىدىغان چەت ئەللىك ئىشچىلارغا نىسبەتەن دۇنيا بويىچە تۇرمۇش تەننەرخى ئەڭ قىممەت 2 – شەھەر بولۇپ باھالاندى.

تۇرمۇش تەننەرخى سانلىق مەلۇماتى جەھەتتىن  50 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە مەسلىھەت شىركىتى «ECA International» نىڭ تىزىملىكىدە، ئۆتكەن يىلى (2021) 4 - ئورۇندا تۇرغان  نىيۇ يوركنىڭ ئەمدىلىكتە بولسا، ئىجارە ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈشى سەۋەبىدىن چەت ئەللىك ئىشچىلارغا نىسبەتەن دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت 2 – شەھەرگە ئايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

شىركەتلەرنىڭ خەلقئارالىق خادىملىرى ئۈچۈن تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ھېسابلىشىغا ياردەمچى بولىدىغان بازار تەتقىقات شىركىتى «ECA International» نىڭ بۇ يىل مارت ئېيىدا (2022) بىر ئىستاكان قەھۋەدىن يېرىم كىلوگىرام پەمىدۇرغىچە ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن سانلىق مەلۇماتلىرىدا، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىممەت 3 شەھەر رەت بويىچە خوڭكوڭ، نىيۇ يورك ۋە جەنۋە (شىېيتسارىيە) دەپ بېكىتىلدى.

باھالاشتا، ئەنگلىيە پايتەختى لوندون ئىجارە ھەققىنىڭ تەخمىنەن %20 ئۆرلىشى نەتىجىسىدە 4 -، ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو 5 -، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋ 6 -،  خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرى  8 – ۋە  گۇاڭجۇ شەھىرى 9 -  ئورۇنغا ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر