ناتو-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيتىلىدۇ

ناتو ھەربىي كومىتېت باشلىقى روب باۋيېر بىلەن ياپونىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى يامازاكى كوجى دۇنيا خەۋپسىزلىكىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشتى.

1839625
ناتو-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى يامازاكى كوجى ناتو-ياپونىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە پايتەخت توكيونى زىيارەت قىلغان ناتو ھەربىي كومىتېت باشلىقى روب باۋيېر (Rob Bauer) بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەر رۇسىيە 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنادىكى ئىشغال ئۇرۇشىنىڭ، ھىندى-تىنچ ئوكيانغا بولغان تەسىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان كۆرۈشۈشتە، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى قوللاش ئۈچۈن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

ناتو ھەربىي كومىتېت باشلىقى روب باۋيېر رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ «كۈچ بىلەن قانۇننى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر كىرىزىسنىڭ ئۇكرائىنا ھەمدە ياۋروپادىن چوڭ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياپونىيەنىڭ 30 ئەزاسى بار ئىتتىپاقنىڭ «ياۋرو-ئاتلانتىك رايونى سىرتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمراھى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاققا قوشىدىغان تۆھپىلىرىنىڭ «ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى يامازاكى كوجى: «ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىكى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن ناتونىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ۋاز كەچكىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ رايوندا كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرگە قارشى غەرب بىلەن كوردىناتسىيەنى كۈچەيتىشنى پىلان قىلغان ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونىڭ، مۇشۇ ئاي ئاخىرى (2022-يىلى ئىيۇن) ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر