رۇسىيە 61 ئامېرىكالىق ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى جېننىفېر گرانخولمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 61 ئامېرىكا پۇقراسى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1838911
رۇسىيە 61 ئامېرىكالىق ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇس سىياسىيونلار، كارخانىچىلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا قارىتا دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز  كېڭەيتىۋاتقان ئېمبارگولىرىغا جاۋاب تەرىقىسىدە، 61 ئامېرىكا پۇقراسىغا رۇسىيەگە كىرىشىنىڭ مەڭگۈلۈك چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئېمبارگونىڭ ھەربىي سانائەت ساھەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، ئاخبارات مۇنبەرلىرى ۋە باھالاش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئايروپىلان ۋە پاراخوت شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا،  رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى تارقاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئېمبارگو تىزىملىكىدىن ئاقسارايدىكى ئۇچۇر - ئالاقە دىرېكتورى كەيت بېددىڭفىلىد قاتارلىق بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر