ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا راكېتا سىستېمىلىرى ياردەم قىلىدۇ

ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا يىراق مۇساپىلىق راكېتا سىستېمىلىرى ئەۋەتىدۇ. بۇ ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاپرېل ئېيىدىن (2022) بۇيانقى تۇنجى قېتىم يىراق مۇساپىلىق راكېتا سىستېمىلىرى ئەۋەتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1838475
ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا راكېتا سىستېمىلىرى ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋالېس (Ben Wallace) ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قولىدىكىدىن تېخىمۇ يىراق مۇساپىلىق راكېتا ۋە ئۇلارنى ئاتىدىغان «M270» تىپلىق كۆپ راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە قەھرىمان ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا قارشى كۈرەش قىلىشى ئۈچۈن بارلىق ئېھتىياجلىق قوراللار بىلەن ياردەم قىلىشتا باشچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «رۇسىيە تاكتىكىلىرىنى ئۆزگەرتگەنسېرى، بىزنىڭ قوللىشىمىزمۇ ئۆزگىرىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرىنىڭ، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ شەھەرلەرنى تۈزلىۋېتىش ئۈچۈن ئايرىپ ئولتۇرماستىن يىراق مۇساپىلىق زەمبىرەكلەر بىلەن بومباردىمان قىلىشىغا قارشى ئۆزلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكامۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوخشاش قورال سىستېمىلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىنادا يېڭى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىنىپ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەستىن، رۇسىيە 5-ئىيۇندا ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنى ئاپرېل ئېيىدىن (2022) بۇيانقى تۇنجى بومباردىمانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.

رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان بولۇپ، قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، كىيېۋ ئەتراپىدىن چېكىنىپ، دونباس رايونىغا مەركەزلەشكەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر