پۇتىن ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ تەڭداش يوللىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى پورتلار ئارقىلىق يۆتكەشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1837605
پۇتىن ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ تەڭداش يوللىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى
dmitro kuleba.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت پۇتىن رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى — Rossiya-24 نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز چەت ئەل پاراخوتلىرىنىڭ بۇ پورتلارغا كىرىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئازاك ۋە قارا دېڭىزدىن ھەر قايسى تەرەپلەرگە مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.

ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەشنىڭ ھەر خىل تاللاش يوللىرى بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان پۇتىن، بۇ لىنىيەلەرنىڭ ئەڭ قولايلىقى ۋە ئەڭ ئەرزىنىنىڭ بېلارۇسىيە لىنىيەسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاشلىقنىڭ بېلارۇسىيە ئارقىلىق بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ پورتلىرىغا توشۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئۇ يەردىن پۈتۈن دۇنياغا ئەۋەتىلىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلىش ئۈچۈن بېلارۇسىيەگە قارىتىلغان جازالار بىكار قىلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پۇتىن باشقا تەڭداش پورتلارنىڭ مىنالاردىن تازىلانغان تەقدىردە ئۇكرائىنا پورتلىرى، پولشا، رومىنىيە ۋە رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى پورتلار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى. ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ دۇنيا ئاشلىق بازىرىدىكى ئۈلۈشىنىڭ مۇبالىغا قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دۇنيادا ھەر يىلى 800 مىليون توننا دانلىق مەھسۇلات ۋە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. نۆۋەتتە ئۇكرائىنانىڭ 20 مىليون توننا ئېكسپورت قىلالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ %2.5 نى ئىگىلەيدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا، ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتى ئارقىلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئودېسساغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سودا يولىنى «سۇيىئىستېمال قىلىشى»نىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتورىغا قويۇپ، «مەسىلە رۇسىيەنىڭ ئودېسسا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سودا يولىنى سۇيىئېستىمال قىلمايدىغانلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ۋە رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق كاپالەت بەرمىگەنلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر