خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

خىتاينىڭ تۆت دانە ساھىل بىخەتەرلىك ھەربىي پاراخوتىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1837033
خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئوكىناۋا ئىشتاتى ناھا ناھىيەسىگە جايلاشقان 11-رايون ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق مەركىزى خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى شۇ يەر ۋاقتى 10.40 ئۆتكەندە ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇتسۇرى ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يەنى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالاش-تارتىشلىق رايوندا ياپونىيە بېلىقچى پاراخوتلىرىغا يېقىنلاشقان.

باياناتتا، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە ساھىل بىخەتەرلىك پاراخوتلىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە، رايوندىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە ن ھ ك ئاگېنتلىقى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ بۇ يىل (2022) توققۇز قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شەرقىي دېڭىزدا، ياپونىيە «سېنكاكۇ»، خىتاي «دياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئاراللار، بەش ئارال ۋە ئۈچ قىيالىقتىن تەركىپ تاپىدۇ. ئادەم ياشىمايدىغان تاقىم ئاراللار ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر