فىنلاندىيە: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرەلەشتۇق

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا خاۋىستو (Pekka Haavisto): «ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ بەزى بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلدۇق دەپ ئويلايمەن» دېدى.

1836415
فىنلاندىيە: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرەلەشتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا خاۋىستو فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش باسقۇچىغا تۈركىيەنىڭ قارشى چىققانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ بەزى بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلدۇق دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە تۈركىيە بىلەن بۇ دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييارمىز. بۇنىڭ ئەزالىقتىن ئىلگىرى سەپەرۋەرلىككە كېلىش دىيالوگى بولۇشىنى مۇھىم دەپ قارايمەن» دېدى.

ئۇ فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش قارارىنى ۋە ئىلتىماس قىلىش باسقۇچىدىكى يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقىغا نارازى بولغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەتلىرىنىڭ ئەنقەرەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ ھەيئەتلەرنىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بىلەن بەش سائەت بويىچە ياخشى ۋە چوڭقۇر سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ سۆھبەتلەر داۋاملىشىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە ئۈستەلدە ھەر خىل سوئاللار بار. فىنلاندىيەمۇ، شىۋېتسىيەمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىدە قارايدىغان پ ك ك مەسىلىسى بار. پ ك ك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدە. بۇنىڭدا ھېچقانداق گۇمان يوق. ئەگەر بۇنى چوڭ ھەرپلەر بىلەن يېزىش كېرەك بولسا، بىز يازالايمىز» دېدى.

ئۇ كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن، فىنلاندىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى چۈشەنگەن ياكى چۈشەنمىگەنلىكى، بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاپ-تاشلىمايدىغانلىقى توغرسىدىكى سوئالغا: «ئەلۋەتتە تۈركىيە بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا تۈركىيەنىڭ ئەندىشەلىرىنى تۈگىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىمىزغىمۇ ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ھېچكىم باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى زورلاپ تاڭالمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى باشقا ئەندىشەلەردىن ئايرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بۇ ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ بەزى بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلدۇق دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە تۈركىيە بىلەن بۇ دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييارمىز. بۇنىڭ ئەزالىقتىن ئىلگىرى سەپەرۋەرلىككە كېلىش دىيالوگى بولۇشىنى مۇھىم دەپ قارايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر