ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ دۇنيانى مالىمانچىلىققا ئېلىپ بېرىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيجىڭغا قارىتا يولغا قويغان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىككى چوڭ دۆلەتنى تىركىشىشكە ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى بۆلۈنۈش ۋە مالىمانچىلىققا سۆرەپ كىرىش خەۋپى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1835743
ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ دۇنيانى مالىمانچىلىققا ئېلىپ بېرىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاڭ يى خىتاي خەلق مۇناسىۋەتلىرى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «كىسېنگېر ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى» ناملىق سۆھبەت يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىنىڭ تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە، ئوخشىماسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئورتاق بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلىدىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئەگەر ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە <چوڭ كۈچ توقۇنۇشى> دەپ ئېنىقلىما بېرىشنى ۋە سىياسىي نىشانلىرىنى نۆل يىغىندىلىق (ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى نۆلگە تەڭ بولغان) ئويۇن چۈشەنچىسىگە ئاساسەن پىلانلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بۇ ئىككى دۆلەتنى قۇتۇپلىشىشقا، دۇنيانى بۆلۈنۈش ۋە مالىمانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، سوغۇق ئۇرۇش لوگىكىسىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىپ: «خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتسە بولمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىنىڭ شەرەپ مېھمىنى بولغان ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېنرى كىسسىنگېرمۇ، تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى، خىتاي ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تونۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر