شىۋېتسىيە بۈگۈننىڭ شارائىتىدا تۈركىيەگە قورال ئېكسپورت قىلىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

شىۋېتسىيە دۆلەت قورال-ياراغ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش ئورگىنى دىرېكتورى كارل ئېۋىرتسون، «ھازىرقى شارائىتتا تۈركىيەگە قورال ئېكسپورت قىلالايمىز» دېدى.

1834759
شىۋېتسىيە بۈگۈننىڭ شارائىتىدا تۈركىيەگە قورال ئېكسپورت قىلىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەت قورال-ياراغ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش ئورگىنى دىرېكتورى كارل ئېۋىرتسون، «Expressen» گېزىتىنىڭ، شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئورگاننىڭ، شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قورال ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «نۆۋەتتە تۈركىيە بىزنىڭ قوراللىرىمىزغا موھتاج ئەمەس، ئۇلار بىزدىن قورال سېتىۋالمايدۇ. بىز مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئىلتىماسلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ ئىجرا قىلىمىز. بىز بۈگۈنكى شارائىتتا تۈركىيەگە قورال ساتالايمىز» دېدى.

ئېۋىرتسون، شىۋېتسىيەدە ئىشلەنگەن AT-4 تانكىغا قارشى قوراللارنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قولىغا قانداق چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بىز بۇ قوراللارنى تەشكىلاتلارغا ئېكسپورت قىلمايمىز. بۇ، مەزكۇر قوراللارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىجازەت نومۇرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇشى ۋە بىزنىڭ ئۆتمۈشتە بۇلارنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە ئىكسپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى شەرتىگە دىققەت قىلمىغانلىقىمىزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

شىۋېتسىيە دۆلەت قورال-ياراغ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش ئورگىنى 2019 – يىلى 15 – ئۆكتەبىردە قارار ماقۇللاپ، تۈركىيەگە قورال سېتىپ بېرىشنى مەنئى قىلغانىدى.

شىۋېتسىيە دۆلەت رادىيوسى – SR نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيەدىكى ئۈچ خۇسۇسىي قورال ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت، تۈركىيەنىڭ قورال سېتىۋېلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغانىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر