رۇسىيە كىرودىيەلىك بەش دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

رۇسىيە كىرودىيەلىك بەش دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1833706
رۇسىيە كىرودىيەلىك بەش دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كىرودىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تومىسلاۋ كارنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، كىرودىيەنىڭ كىيېۋغا ھەربىي ياردەم بېرىشى ۋە كىرودىيە دائىرىلىرىنىڭ (ئۇرۇش باشلانغان 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان) رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «زاگرېبنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاشلىغان رۇسىيە ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتلار سانىنى قىسقارتىش يولىدىكى دوستانە بولمىغان قەدەملىرىگە قارىغا، باش ئەلچى كارغا، كىرودىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بەش دىپلوماتنىڭ خالانمىغان كىشى، دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئۇلتىماتوم بېرىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر