نىگېردە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 40 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

نىگېرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە تەخمىنەن 40 نەپەر بوكو ھارام ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

1832787
نىگېردە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 40 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باياناتىدا، 24- ۋە 25-ماي كۈنلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دىففا رايونىدا بوكو ھارام ئەزالىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەرىكەتتە نۇرغۇن ھەربىي ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە بوكو ھارامنىڭ 40 قا يېقىن ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قوشنا دۆلەت مالىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەلقائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى بۇركىنا فاسو ۋە نىگېردىمۇ ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.

گەرچە نىگېر ساھىل قوشنىسى بۇركىنا فاسو بىلەن بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، مالىنى ماكان تۇتقان تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرالماي كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نىگېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 313 مىڭ كىشى دۆلەت ئىچىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، 235 مىڭ كىشى قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر