ئاۋسترالىيە 2023 - يىللىق «كۇاد» باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېس، دۆلىتىنىڭ 2023-يىللىق تۆت تەرەپ بىخەتەرلىك مىخانىزمى — كۇاد (Quad) باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1831358
ئاۋسترالىيە 2023 - يىللىق «كۇاد» باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئالبانېس تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيوغا بېرىپ، ياپونىيەلىك مەنسەپدىشى كىشىدا فۇمىئو ساھىبخانلىق قىلغان تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن چۈشكەن بىر سۈرەتنى ھەمبەھىرلىگەن ئالبانېس، باشلىقلار يىغىنىدا رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«بىز كۇادتا ۋە ئەركىن، ئوچۇق، چىدامچان ھىندى - تىنچ ئوكيان بەرپا قىلىش ئورتاق ئىرادىمىزنى قايتا تەكىتلىدۇق» دېگەن ئالبانېس، دۆلىتىنىڭ 2023-يىللىق تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۆت دۆلەتتىن تەركىب تاپقان كۇاد رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى 2021-يىلى 9-ئايدا پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغانىدى.

تۆت تەرەپ بىخەتەرلىك دىيالوگى مىخانىزمى (QSD) ياكى «كۇاد» 2007- يىلى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا باشلانغان دىيالوگ مۇنبىرى بولۇپ، 2017-يىلى «تۆت تەرەپ ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىلگەنىدى.

خىتايغا قارشى بىرەسمىي ئىستراتېگىيەلىك مۇنبەر دەپ قارىلىۋاتقان «ئاسىيادىكى دېموكراتىيە ئەگرى سىزىقى» ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، قىسمەن قەرەللىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر