ئىراندا پولكوۋنىك ھەسەن سەيياد خۇدايى ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ئەزاسى پولكوۋنىك ھەسەن سەيياد خۇدايى ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1831451
ئىراندا پولكوۋنىك ھەسەن سەيياد خۇدايى ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئىمام ھۈسەيىن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا مىڭلىغان كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيىەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىمۇ قاتناشتى.

دەپنە مۇراسىمىدا «ئامېرىكىغا ئۆلۈم»، «ئىسرائىلىيەگە ئۆلۈم»، «ئىنتىقام، ئىنتىقام» دېگەپ شوئارلار توۋلاندى ۋە ماتەم مەرسىيەلىرى ئوقۇلدى.

خۇدايىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيىەسى باش قوماندانى ھۈسەيىن سەلامى شوئارلارغا جاۋاب بېرىپ، «ئىنتاقىمىڭ چوقۇم ئېلىنىدۇ» دېدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، خودايىنىڭ جەسىتى بەھشەتى-زەھرا قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىندى.

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىنىڭ «قۇددۇس ئەترىتى» گە قاراشلىق پولكوۋنىك سەيياد خۇدايى يەكشەنبە كۈنى پايتەخت تېھراندىكى ئۆيىگە يېقىن جايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى موتسىكلىت مىنىۋالغان ئىككى ھۇجۇمچىنىڭ خۇدايىنىڭ بېشىغا ئوق ئاتقانلىقىنى ۋە خۇدايىنىڭ نەخ مەيداندا قازا قىلغانلىقىنى شۇنداقلا ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىرانلىق پولكوۋنىك خۇدايىنىڭ سۈرىيەدىمۇ ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى تارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر