سېرگېي شويگۇ: ناتو رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلىشىپ، ئۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلىشىپ، ئۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1831830
سېرگېي شويگۇ: ناتو رۇسىيە چېگراسىغا يېقىنلىشىپ، ئۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (CSTO) مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ تور يىغىنىدا، نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ شەرقىي ياۋروپانىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ناتونىڭ شەرققە كېڭەيتىلگەنلىكىنى ۋە رۇسىيە زېمىنىغا يېقىن جايلارغا ھۇجۇم قوراللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىماستىن، غەربنىڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ھازىرقى خەلقئارا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنىڭ يولىنى بەلگىلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ناتو چېگرامىزغا يېقىنلاشتى ۋە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ۋە زېمىنىدا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ھەربىي ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىقلار كۆرستىلدى. ئۇكرائىنادىن رۇسىيەگە قارشى بېسىم ۋاستىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىلدى ۋە بىزگە دۈشمەن بىر دۆلەتكە ئايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇكرائىنانىڭ يادرو قوراللار ۋە ئۇلارنى يەتكۈزۈش ۋاستىلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەقىقىي بىر تەھدىتتۇر» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ دونباستىكى كىشىلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇكرائىنانىڭ يادروسىزلىنىشى ۋە بىتەرەپلىك سالاھىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى، قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنى ۋە ناتسىستلاردىن تازىلىنىشى» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ غەربنىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن قورقىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتنى دەرھال ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى جىددىي باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «غەربنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ياردىمى ۋە رۇسىيەگە قاراتقام ئېمبارگولىرىنىڭ بېسىمىغا قارىماستىن، بىز بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغانغا قەدەر ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر