ھىندىستان ۋە بەڭلادېشتىكى ئاپەتلەردە كەم دېگەندە 57 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ھىندىستان ۋە بەڭلادېشقا ھەپتە بېشىدىن بۇيان ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، شىددەتلىك يامغۇر، سەل، بوران ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە كەم دېگەندە 57 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1830230
ھىندىستان ۋە بەڭلادېشتىكى ئاپەتلەردە كەم دېگەندە 57 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ۋە بەڭلادېشتىكى كەلكۈن، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە بوران-چاپقۇندا مىليونلىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.

ھىندىستاننىڭ بىھار ئۆلكىسىدە پەيشەنبە كۈنى بوران كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەردە ئاز دېگەندە 33 ئادەم قازا قىلغان.

ھىندىستان بويىچە ئاپەتنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرىسى بېنگال چېگراسىدىكى ئاسسام ئۆلكىسى بولۇپ، ئاپەتتە 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئاسسامدا 850 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 90 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆيلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ۋاقىتلىق پاناھجايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئاسسام ئۆلكىسىدە نۇرغۇن ئۆيلەر زىيانغا ئۇچراپ، رايوندىكى دېھقانچىلىق يەرلىرى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۇ ئاستىدا قالغان.

بەڭلادېشنىڭ شەرقىي شىمالىدىمۇ قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ۋە دەريا تاشقىنلىرى يۈز بەردى.

رايوندا 2 مىليون كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بەڭلادېش دائىرىلىرى كەلكۈن سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بەڭلادېشنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىلخېت شەھىرىدە تەخمىنەن 50 مىڭ ئائىلىنىڭ توكى ئۈزۈلۈپ قالدى. سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلىمەسلىكى سەۋەبىدىن رايونغا يەنە بىر مەزگىل توك تارقىتىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

مۇتەخەسىسلەر يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ھۆل-يېغىننىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بېنگال ۋە ھىندىستاندا تېخىمۇ ئېغىر ئاپەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر