رۇسىيە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى

رۇسىيە شىۋېتسىيەنىڭ ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا كىرىش قارارىغا بولغان ئىنكاسىنىڭ شىۋېتسىيەدە چەت ئەلنىڭ ھەربىي بازىلىرى ۋە قورال-ياراغلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1829042
رۇسىيە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، شىۋېتسىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مالېنا ماردنىڭ رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋلادىمىر تىتوۋغا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناتوغا كىرىش قارارى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رۇسىيە تەرەپنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىشتىكى مەيدانىغا قارىتا كۆپ قېتىم رەسمىي بايانات ئېلان قىلغانلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرىنى تاللاش ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكى، ئەمما بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەسلىكى كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ، « ھەربىي-تېخنىكىلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىزنىڭ ئىنكاسىمىز ۋە مۇمكىن بولغان ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىمىز، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ھەقىقىي ئاقىۋىتىگە، جۈملىدىن شىۋېتسىيە تۇپرىقىغا چەت ئەل ھەربىي بازىسى ۋە ھۇجۇم قىلىش قوراللىرى سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلىشىشىغا باغلىق بولىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر