ھىزبۇللاھ ۋە خىرىستىيان ئىتتىپاقداشلىرى پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق نىسبىتىنى قولدىن بەردى
لىۋاندىكى سايلاملاردا، ھىزبۇللاھ ۋە خىرىستىيان ئىتتىپاقداشلىرى پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق نىسبىتىنى يوقاتتى.
1828221
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاندا تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلارنىڭ سانى 3 مىليون 917 مىڭ بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى%41 بولغان ئىدى.
ئىگىلىنىشچە، سايلاملاردا ھىزبۇللاھ ۋە خىرىستىيان ئىتتىپاقداشلىرى پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق نىسبىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان.
لىۋاندا 1989-يىلى ئىمزالانغان تائىف كېلىشىمىگە ئاساسەن، پارلامېنتتىكى ۋەكىللەر سانىنىڭ نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
«27 نەپەر سۈننىي، 27 نەپەر شىئە، 8 نەپەر دۇرزى، 34 نەپەر مارونى خىرىستىيان، 14 نەپەر گىرېتسىيە ئورتودوكسى، 8 نەپەر گىرېتسىيە كاتولىكى، 1 نەپەر ئاۋنجېلىك، 1 نەپەر ئەرمېنىيە كاتولىكى، 5 نەپەر ئەرمېنىيە ئورتودوكسى، 2 نەپەر ئەلەۋى، 1 نەپەر خىرىستىيان ئاز سانلىقلىرى»