سېرگېي رىيابكوۋ: «بىزنى <ئادەتتىكىچە جاۋاب قايتۇرىدۇ> دەپ ئويلاپ قالمىسۇن»

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش قارارىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەرگىز كۈچەيتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1827672
سېرگېي رىيابكوۋ: «بىزنى <ئادەتتىكىچە جاۋاب قايتۇرىدۇ> دەپ ئويلاپ قالمىسۇن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىيابكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش قارارى ئۈستىدە توختالدى.

سېرگېي رىيابكوۋ، «شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش تەشەببۇسى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چوڭ خاتالىق. بۇ قارار نەتىجىسىدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچەيمەيدىغانلىقى بىزگە ئايان. بىزنى بۇ قارارغا <ئادەتتىكىچە جاۋاب قايتۇرىدۇ> دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ھەربىي جىددىيلىكنىڭ دەرىجىسى ئۆرلەيدۇ» دېدى.

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو ۋە فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنىدىكى بىرلەشمە باياناتىدا: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش فىنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ. فىنلاندىيە كېچىكمەستىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس سۇنۇشى لازىم» دېگەن ئىدى.

شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسونمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىلەن قولغا كېلىدىغان رەسمىي بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ چارشەنبە كۈنىگىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس سۇنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر