شىمالىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈملىرى كۆپەيدى

شىمالىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قورقۇنچى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، گۇمانلىق ئۆلۈم ۋەقەلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 50 كە چىقتى.

1827355
شىمالىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈملىرى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ ئارىدىن تەخمىنەن ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتكەندە، تۇنجى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەسىنىڭ پەيشەنبە (2022-يىلى 12-ماي) كۈنى كۆرۈلگەنلىكىنى توغرىلىغان شىمالىي كورېيەدە، گۇمانلىق يۇقۇم سانى كۆپەيدى.

شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) 392 مىڭ 900 كىشىدە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۇقىرى گىرادۇسلۇق قىززىش ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تۈنۈگۈن (15-ماي) شۇ يەر ۋاقتى 18.00 گىچە بولغان 24 سائەتلىك ۋاقىتتا، يېڭىدىن سەككىز كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن ئۆلۈم سانى 50 كە چىققان بولدى. تەخمىنەن 96 مىڭ كۆپەيگەن گۇمانلىق ۋەقە سانىنىڭ جەمئىي 1 مىليون 21 مىڭغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن تۈنۈگۈن كورېيە ئىشچى پارتىيەسىنىڭ دائىمىي بىيۇروسىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرىپ، ئارمىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشكە ياردەم قىلىش پەرمانىنى چۈشۈردى.

شىمالىي كورېيە 12-ماي دۆلەتتە تۇنجى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى توغرىلىدى. مۇتەخەسسىسلەر تىببىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەلىرىنى بايقىيالمىغان ئەھۋالدا ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر