ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى خىتاينى بىئارام قىلدى

خىتاي جو بايدىننىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىدىن ئىلگىرى، «خىتاينىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئوت بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

1826542
ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى خىتاينى بىئارام قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقساراي باغچىسىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئائىلە رەسىمىگە چۈشتى.

رەسىمگە چۈشۈش پائالىيىتىدىن كېيىن، رەھبەرلەر كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.

ئاقساراي باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، ئامېرىكا  بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇپمۇ كېلىمات، تەرەققىيات، مائارىپ، دېڭىز-ئوكيان ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە دۇنيا سەھىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مالايسىيا، ھىندونېزىيە، بېرما، برۇنېي، كامبودژا، لائوس، فىلىپپىن، سىنگاپور، تايلاند ۋە ۋيېتنامدىن تەركىب تاپقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 1967-يىلى 8-ئاۋغۇست قۇرۇلغان بولۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي، جو بايدىننىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، «خىتاينىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئوت بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك» دەپ ئامېرىكاغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىچېن ئامېرىكانىڭ رايون سىرتىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ ۋە ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتچىسى جاۋ لىچېن، «ئامېرىكا ھەمكارلىق نامى ئاستىدا باشقىلارنى تەرەپ تاللاشقا زورلاشتىن ساقلىنىشى ياكى خىتاينىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئوت بىلەن  ئويناشماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر