شولز: ئۇرۇش ئاچارچىلىق خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز «دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى يېمەكلىك يەتكۈزەلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاچارچىلىق خەۋپىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ» دېدى.

1825822
شولز: ئۇرۇش ئاچارچىلىق خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولاف شولز گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئۇكرائىنا - رۇسىيە ئۇرۇشى پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن (ھەر خىل) ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئۇرۇش» دېدى.

ئۇ، ئۇرۇش پەيدا قىلغان يېمەكلىك تەمىنلەش زەنجىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تىلغا ئېلىپ: «ھازىر ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك باھاسى ئۆرلەۋاتىدۇ. دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېمەكلىك يەتكۈزەلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاچارچىلىق خەۋپىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى فېرناندېز، لاتىن ئامېرىكاسىنىڭ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالار رۇسىيەگىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنياغا ھەر خىل ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئۇرۇشنىڭ يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بۇ ئەمدى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو بىلەن رۇسىيە ياكى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەسىلە ئەمەس، بىر دۇنياۋى مەسىلە. ئۇرۇش چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر