شىمالىي كورېيەدە «تۇنجى» كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ بايقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان پۈتكۈل دۇنيانىڭ ۋەھىمىسىگە ئايلانغان كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ پەقەتلا بايقالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شىمالىي كورېيەدە «تۇنجى قېتىم يۇقۇم بايقالغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

1825849
شىمالىي كورېيەدە «تۇنجى» كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ بايقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى — KCNA، پايتەخت پيوڭياڭدىكى بىمارلاردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەردە كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يۇقۇمنىڭ قانچە كىشىدە بايقالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ «BA.2» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆۋەن دەرىجىلىك تارماق تىپى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

شىمالىي كورېيەدە «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىنغانلىقى،  شىمالىي كورېيە كىم جوڭئۇن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ يىغىن چاقىرىپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

كىم جوڭئۇن، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، مەملىكەتنىڭ بارلىق ئۆلكە ۋە ناھىيەلىرىدە «كوچىغا چىقىشنى چەكلەش» تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

كىم جوڭئۇن يۇقۇمنى يېڭىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، سەھىيە خىزمەتچىلىرىنى خىزمەت سورۇنلىرى ۋە ئۆيلەردە دېزىنفېكسىيە قىلىش سالمىقىنى تېزلىتىشكە، بارلىق داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە ئەشيالىرىنى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئىشلىتىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر