بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە توغرىسىدا ئالدىن ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى يوللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1825723
بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋال سىترت جۇرنال» نىڭ بۇ تېمىدىن خەۋەردار ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئوينىغان رولىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىشنىڭ يولىنى ئاچىدىغان شەكىلدە يېڭى قورال - ياراغلارنى سېتىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تۈركىيەگە بىر قىسىم F-16 زاپچاسلىرى بىلەن بۇ ئايروپىلانلاردا ئىشلىتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار سىستېمىلىرىنى سېتىپ بېرىش توغرىسىدا تەييارلىغان لايىھەنى يوللىغان. دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى بۇ پىلانغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن تەقدىردە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە دۆلەت مەجلىسىگە رەسمىي سېتىش ئۇقتۇرۇشىنى سۇنۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

ئەمەلدارلار، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەمنى تاشلىشىدا تۈركىيەنىڭ 24-فېۋرالدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە باشلامچىلىق قىلىشى ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى (قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى) سىھا بىلەن تەمىنلىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ قېتىمقى قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغان تەقدىردە، تۈركىيەگە 40 دانە F-16 تىپلىق ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنىڭ يولى ئېچىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ۋال سترت جۇرنال»غا بەرگەن باياناتىدا، تەكلىپ رەسمىيلىشىپ بولغۇچە بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان مارت ئېيىدىكى مەكتۇپىدا: «تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىشنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر