يېڭى زېلاندىيە ساياھەتچىلەرگە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئاچىدۇ

يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بارلىق دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1825346
يېڭى زېلاندىيە ساياھەتچىلەرگە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە قاتتىق تەربىرلەرنى قوللانغان يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى، 31 – ئىيۇلدىن باشلاپ، خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىن يېڭى زېلاندىيەگە كىرىدىغان ساياھەتچىلەرگىمۇ چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىشنى قارارلاشتۇردى.

31 – ئىيۇلدىن باشلاپ، ساياھەتتىن بۇرۇنقى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنىڭمۇ بىكار قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن، بىكار قىلىنغان چېگرا تەدبىرلىرىنىڭ تالانتلىق كۆچمەن ئىشلەمچىلەرنىڭ دۆلەتكە تېخىمۇ كۆپ كىرىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يېڭى زېلاندىيە ئالدىنقى ئايدا ئاۋىستىرىيالىيە پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 نەچچە ياۋروپا دۆلىتىگە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئاچقانىدى.

ساياھەت، يەر شارىۋى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن ئىلگىرى ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليون ساياھەتچى زىيارەت قىلىدىغان يېڭى زېلاندىيەنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر