ئېكۋادوردا تۈنۈگۈن تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇسلاردىن 200 كىشى قولغا چۈشتى
ئېكۋادوردا تۈنۈگۈن بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن توپىلاڭ ۋە توقۇنۇشتا قېچىپ كەتكەن 200 مەھبۇسنىڭ تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى باشلىقى گېۋاننىي پونس: «تۈنۈگۈن جەمئىي 220 مەھبۇس قېچىپ كەتكەن ئىدى. بىز ھازىر ئۇلاردىن 200 كىشىنى قايتا تۇتتۇق» دېدى.
گېۋاننىي پونس قالغان 20 قاچقۇن ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە 3000 دوللارغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېكۋادور سانتو دومىنگو دې لوس تساچىلاس شەھىرىدىكى بېللاۋىستا تۈرمىسىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەندە رەقىب گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ ۋە توقۇنۇشتا 44 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن مەھبۇس قېچىپ كەتكەن ئىدى.
ئېكۋادوردا ئالدىنقى يىلدىن بۇيان تۈرمىلەردىكى رەقىب گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 400 دىن ئارتۇق مەھبۇس قازا قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

مېكسىكادا چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
مېكسىكادا بىر چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، توققۇز ئادەم قازا قىلدى، 50 ئادەم يارىلاندى.