سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى
سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1825412
ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەدەن ئاددە ئايرودۇرۇمىغا بارىدىغان بىخەتەرلىك نۇقتىسىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، ھۇجۇمنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
15 – ماي كۈنى پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان سومالىدا، نامزاتلارنىڭ بۈگۈن ئەدەن ئاددە ئايرودۇرۇمىدا سايلام نۇتىقى سۆزلىشى پىلانلىنىۋاتاتتى.