شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىققا قايتىپ كېلىشىنى قوللاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1825334
شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەر ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىققا قايتىپ كېلىشىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان روسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىپ، لاگېرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ، يەر شارى بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ چوڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەرەپلەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.

شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە ئىلھام بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياۋروپانىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە ئۆزى خوجايىن بولۇشىنى خىتاينىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى رەھبەر يەنە، خىتاي-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي- ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.

ماكرون فىرانسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ھەققىدە نۇرغۇن ئورتاق تونۇشى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، فىرانسىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك يېقىندىن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ماكرون فرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئاپتونومىيەدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، لاگېرلار ئارا زىددىيەتلىشىشنى قوللىمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فرانسىيە رەھبىرى خىتاي بىلەن 5 يىل ئىچىدە دېھقانچىلىق، ئاۋىئاتسىيە، پۇقراۋىي يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە كۈلتۈر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنە، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىمۇ كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر